Uygur Dili ve Edebiyatı, Reyila Kaşgarlı; Abdushukur Muhemmet Kumtur; Neşe Harbalioğlu, Editör, Dünya Uygur Yazarlar Birliği, İstanbul, ss.219-273, 2022
لۇتپۇللا مۇتەللىپ (1922-1945) — ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچىدا ئىجادىيەت
ئېلىپ بارغان مۇھىم ئەدىبلەرنىڭ بىرسى. 23 يىللىق قىسقىغىنا ھاياتىغا
سىغدۇرغان نۇرغۇن ئەمگەكلىرى بار. بۇ ئەمگەكلىرى، ئەدەبىي ئىجادىيەت، ئەدەبىي
تەنقىد، رەسىم، ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك، ئەدەبىيات-سەنئەت نەزەرىيىسى تەتقىقاتى،
ئاكتيورلۇق، مۇھەررىرلىك، رېژىسسورلۇق، تەشكىلاتچىلىق، ئوقۇتقۇچىلىق قاتارلىق
ساھەلەردە كۆزگە چېلىقىدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيىتى شېئىر ۋە دىراما ژانىرىدا ئالاھىدە
گەۋدىلىك بولۇپ، بارماق ۋەزىن ۋە چاچما شېئىر شەكىللىرى ئارقىلىق زامانىۋىي ئۇيغۇر
ئەدەبىياتىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر
ئەدەبىياتىنى ئەسەرلەرنىڭ تېمىلىرىغا ئاساسەن تۈرگە ئايرىغان نۇرمەھەممەت زاماننىڭ
تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋەتەنپەرۋەر ئەدەبىيات باسقۇچىدا
ئىز قالدۇرغان ئەدىبلەردىن بىرىدۇر.
ل.
مۇتەللىپنىڭ شېئىرلىرى ئۇ ياشىغان يىللاردىلا قازاقچە، ئۆزبەكچە قاتارلىق تۈرك
لەھجەلىرىگە ئاغدۇرۇلغان؛ رۇسچە، خىتايچە قاتارلىق چەتئەل تىللىرىغا تەرجىمە
قىلىنغان. 1980-يىلدىن كېيىن بولسا فرانسۇز، ئىنگلىز ۋە خىتاي تىللىرىغا تەرجىمە
قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا ياپۇنچىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى مەلۇم. كېيىنكى
ۋاقىتلاردا تۈرك لەھجەلىرىدىن بىرسى بولغان تۈركىيە تۈركچىسىگىمۇ ئاغدۇرۇلغان.
قوراللىق
قوزغىلاڭ نەتىجىسىدە 1944-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى رايونلار مۇستەقىل
بولىدۇ. جەنۇبى تېخىچە خىتاي ئىشغالچىلىرىنىڭ قولىدا بولۇپ، مىللىي مۇستەقىللىق
كۈرىشى، شەرقىي تۈركىستاندا پەرقلىق شەكىلدە ۋە ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىلىۋاتقاچقا،
خىتاي ئىشغالچىلىرى زىيالىيلارغا قارىتىلغان بېسىمىنى ۋە زۇلۇمىنى تېخىمۇ
ئېغىرلاشتۇرىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۈرۈمچىدە «شىنجاڭ گېزىتى»دە مۇھەررىر بولۇپ
ئىشلەۋاتقان ل. مۇتەللىپ، ئاقسۇغا پالىنىدۇ. لۇتپۇللا ئاقسۇدىكى مىللىي مۇستەقىللىق
كۈرىشىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ، كۈرەشنىڭ ئاقسۇدىكى كۈچىگە كۈچ قوشىدۇ. ل. مۇتەللىپ
قۇرغان «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى»، دېھقانلارنى تەشكىللەپ قوراللىق قوزغىلاڭغا
تەييارلىق قىلىۋاتقاندا خائىنلار تەرىپىدىن پاش قىلىنىپ، سەپداشلىرى بىلەن
بىرلىكتە قولغا ئېلىنىدۇ. مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي
ئارمىيەسى، ئىستىلا ئاستىدىكى ئاقسۇغا ھۇجۇم باشلاش ئالدىدا، تۈرمىدىكى مۇتەللىپ
ۋە باشقا زىيالىيلار قەتلى قىلىنىدۇ. 1949-يىلدىن كېيىن يېڭى قۇرۇلغان خىتاي خەلق
جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان كومۇنىست خىتايلار (گوڭچەنداڭ)، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش
قەتلىئاملارنى مىللەتچى خىتايلار (گومىنداڭ) نىڭ قىلغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي
تۈركىستان خەلقىگە ھۆرلۈك ۋە باياشاتلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بىر
قاتار سۆز - ھەرىكەتلەردە بولىدۇ. بۇلارنىڭ مىساللىرىدىن بىرسى ل. مۇتەللىپنىڭ ئەمگەكلىرىنىڭ
ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە رەتلىنىپ،
1956-يىلى «مۇھەببەت ۋە نەپرەت» ئىسىملىك كىتاب بولۇپ نەشر قىلىنىشىدۇر. شۇ يىلى
يەنە بېيجىڭدا خىتايچە «لۇتپۇللا مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىن تاللانما» بېسىلىدۇ.
«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دا بولسا، مۇتەللىپ ئەكسىلئىنقىلابچى، پانتۈركىست،
مىللەتچى پارتى تەرەپدارى دەپ قارالىنىدۇ. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى بېسىققاندىن
كېيىن 1979-يىلى قارالانغان ئەدىبلەرنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندە، ل.
مۇتەللىپمۇ باشقا نۇرغۇن يازغۇچى ۋە شائىرلارغا ئوخشاش ئاقلىنىدۇ. 1981-يىلىدىن
باشلاپ ئەسەرلىرى قايتا نەشر قىلىنىش ئىمكانىغا ئىگە بولىدۇ.
ماقالىمىز
ل. مۇتەللىپنىڭ 1983- ۋە 2008- يىلى نەشر قىلىنغان ئىككى كىتابىغا مەركەزلىشىدۇ.
بۇ كىتابلاردا شائىرنىڭ 54 شېئىرى يېزىلىش تارىخىغا ئاساسەن ئوخشاش تەرتىبدە
بېرىلگەن. ماقالىدە، نەشر قىلىنغان ماتېرىياللارغا قارىتا سېلىشتۇرۇش ۋە ئانالىز
مېتۇدى قوللىنىلىپ، پەرقلىق يىللاردا بېسىلغان ئوخشاش شېئىرلار تەتقىق قىلىنىدۇ.
مەقسەد— تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100-يىلىدا ل. مۇتەللىپنى خاتىرىلەش، شېئىرلىرىنىڭ تىل
ئالاھىدىلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ كونكىرت
ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى تېپىپ چىقىپ، تىلنى ئاڭلىق رەۋىشتە ئىشلىتىشنىڭ مۇھىملىقىغا
بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈش.
ماقالىدە
شېئىرلارنىڭ ئىملاسى، فونېتىكىلىق، گىرامماتىكىلىق ۋە لېكسىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى
تەتقىق قىلىندى. بەزى سۆزلەرنىڭ ئىملاسى ئىككى كىتابتا پەرقلىق يېزىلغان.
فونېتىكىسى تەتقىق قىلىنغاندا نۇرغۇن تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.
گىرامماتىكا جەھەتتە بولسا جانلىق تىلنىڭ ئەدەبىي تىلغا ھاكىم قىلىنىشى سەۋەبى
بىلەن تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى نەتىجىسىدە گىرامماتىكىلىق شەكىللەردە بۇزۇلۇش يۈز
بەرگەنلىكى كۆرۈلدى. لېكسىكىلىق جەھەتتىن تىلنىڭ ھۇل تېشى بولغان
ماقال-تەمسىللەرگە بولۇپمۇ ئىدىيوملارغا كۆپ ئورۇن بېرىلگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن
بىرگە ئەرەپچە، پارسچە، خىتايچە ۋە رۇسچە قاتارلىق كىرمە سۆزلەرنىڭ
ئىشلىتىلگەنلىكى ئايدىڭلاشتى.
لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر تىلىنى ئۇستىلىق بىلەن ئىشلەتكەن ۋە ئىشلىتىش
جەريانىدا بۇ تىلنى پىششىقلاپ ئىشلىگەن. بۇگۈنكى كۈنگىچە بولغان تارىخىي جەرياندا،
پەرقلىق يىللاردا، ھەرخىل ئىسىم بىلەن نىقابلانغان سىياسىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق،
ھەرخىل سەۋىيەدىكى، ماددىي ياكى مەنىۋىي قەدرىيەتلەرگە قارىتىلغان قەتلىئاملار
ئېلىپ بېرىلدى. شۇڭا ل. مۇتەللىپنىڭ
ئەسەرلىرىنىڭ تۇنجى قول يازمىسىغا ياكى تۇنجى بېسىلغان نەشرلىرىگە ئېرىشىش،
ناھايىتى قىيىن بولىۋاتىدۇ. لېكىن بىز تەتقىقات ئېلىپ بارغان نەشرلىرىدە چاغاتاي
ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرسى بولغان، سۆزنىڭ يىلتىزىدىكى سوزۇق
تاۋۇشنىڭ ئاجىزلاشماسلىقىدەك بەزىبىر فونېتىكىلىق ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ ساقلىنىپ
قالغانلىقىغا شاھىت بولىمىز.
Lutpulla
Mutellip (1922-1945) is one of the important literary figures who created works
during the formative period of Contemporary Uyghur Literature. In his 23 years
of life, he has packed a lot of work. These works were realized in fields such
as literary production, literary criticism, painting, translation, research,
performing arts, editing, directing, organizing and teaching. His literary
works are prominent in the genres of poetry and drama, and he is recognized as
one of the building blocks of Contemporary Uyghur Literature through his free
verse poetry essays. In Nurmehemmet Zaman's classification, which divides
Contemporary Uyghur Literature into periods according to the subject of the
works, Lutpulla Mutellip is one of the exemplary figures of the patriotic
literature period.
Lutpulla
Mutellip's works were translated into different dialects and languages such as
Kazakh, Uzbek, Russian and Chinese during his lifetime. Since 1980, they have
been translated into French, English, Chinese and in recent years into Turkish.
As a
result of the armed uprising in 1944, the north of East Turkestan gained
independence. The south is still under Chinese occupation. While the struggle
against the occupation continued in different ways in all regions of East
Turkistan, the Chinese administration further increased the oppression and
persecution of intellectuals. Lutpulla Mutellip, who was working as an editor
at the Shincang Newspaper in Ürümçi at this time, was exiled to Aksu. Mutellip
supported the national liberation war in Aksu. As the Uchkuns Ittihipaki,
founded by Mutellip, was preparing for an armed uprising by organizing farmers,
he was denounced and arrested along with his comrades. When the national army
of the independent East Turkistan Republic reached the Chinese-occupied Aksu,
the imprisoned intellectuals, including Mutellip, were massacred. After 1949,
the Chinese Communist Party carried out a series of actions emphasizing that
these and similar massacres were committed by the Nationalist Party and that
they would bring freedom and prosperity to the people. Within this framework,
Lutpulla Mutellip's works were recognized by the Union of Literati and Artists
and his works were collected and published in a book titled Muhebbet ve Nepret
in 1956. On the same date, a selection of Mutellip's poems in Chinese was
published in Beijing. During the Cultural Revolution, Mutellip was slandered as
anti-revolutionary, panturkist and pro-nationalist party. After the end of the
Cultural Revolution, in 1979, writers and poets who had been defamed were
reinstated. Mutellip, like many other intellectuals, began to publish his works
again in 1981.
Our
study will focus on Mutellip's two books published in 1983 and 2008. In these
books, the poet's 54 poems appear in the same order according to the date of
writing. In the study, the same poems published on different dates will be
analyzed by using the method of comparison and analysis of printed materials.
Our aim is to commemorate L. Mutellip on the 100th anniversary of his birth, to
reveal the language features of his poems and to draw attention to the
importance of conscious language use by determining the state of change in
contemporary Uyghur.
In
the study, the spelling, sound, form and vocabulary of the poems were analyzed.
The spelling of the poems in the two books shows some differences. When the
sound features were analyzed, it was determined that many sounds were changed.
In stylistic features, it is understood that due to the reflection of spoken language
to the written language, it is understood that there is a change in certain
structures due to the need for rhyme. In the vocabulary, it has been determined
that proverbs, especially idioms, which are the building blocks of the
language, are frequently used, as well as Arabic, Persian, Chinese and Russian
loanwords.
Lutpulla
Mutellip skillfully used Uyghur and processed the language while using it. In
the period until today, it has become impossible to access the manuscripts or
the first printed samples of L. Mutellip's works due to the persecution under
different slogans in different time periods. However, in the books we have
analyzed, we can see that one of the features of Chagatai, the sound phenomenon
such as the non-contraction of the vowel in the root of the word, has been
preserved in some words.